ۋولقان بوزقىرنىڭ ب د ت دىكى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتى

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 75 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقى ۋولقان بوزقىرنىڭ ئورنىغا مولداۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا شاھىد كەلدى.

1706274
ۋولقان بوزقىرنىڭ ب د ت دىكى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولقان بوزقىر  2020 – يىلى 14 – سېنتەبىردە ئۈستىگە ئالغان 75 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تۈنۈگۈن تاماملىدى. بۇنىڭدىن كېيىن  ئومۇمىي كېڭەشنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى مولداۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا شاھىد داۋاملاشتۇرىدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ھۆرمەتلىك بوزقىر ۋەزىپە ئۆتىشى جەريانىدا — يۇقۇم پەيدا قىلغان چەكلىمىلەرگە قارىماي — ئومۇمىي كېڭەش خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىنى جاراھەتلەندۈرگەن پەلەستىن، سۈرىيە ۋە بىرما قاتارلىق كىرىزىسلەرنىڭ ئومۇمىي كېڭەشتە مۇزاكىرە قىلىنىشىغا باشلامچىلىق قىلدى ۋە بارلىق ئەزا دۆلەتلەر باراۋەر ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئومۇمىي كېڭەشنى كۈچەيتىش خىزمەتلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ ۋولقان بوزقىرنى تەبرىكلدى.

ئۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا: «75 – نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن باش ئەلچى ۋولقان بوزقىرنى تەبرىكلەيمەن. دۆلىتىمىزگە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋەكىللىك قىلغانلىقىڭ ۋە دۇنيا مەسىلىلىرىگە چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىڭ ئۈچۈن تەشەككۈرلەر ۋولقان ئاكا!» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر