شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىاق قىلدى

ياپونىيە شىمالىي كورېيەنىڭ «باللىستىك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1706489
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىاق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەتلىك تاراتقۇسى «NHK» نىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە 15-سېنتەبىر ئەتىگەندە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ سىناق قىلغانلىقى مۆلچەرلەنگەن «باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا» نىڭ ياپونىيە تەۋەلىكىگە چۈشمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى (EEZ) نىڭ سىرتىغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) مۇ جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىنى مەنبە قىلغان ھالدا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى دۆلەتنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىغا ئاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە دىپلوماتلىرى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «شىمالىي كورېيە» تېمىلىق باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

يونخاپ ئاگېنتلىقىمۇ شىمالىي كورېيە مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيەنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا مۇساپىسى 1500 كىلومىتىر كېلىدىغان «يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا» سىنىىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر