دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى ئافغانىستان باش مىنىستىرى ھەسەناخۇننى تەبرىكلىدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئىسلامىي باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىشنى چاقىرىق قىلدى.

1705766
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى ئافغانىستان باش مىنىستىرى ھەسەناخۇننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئىسلامىي باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىشقا چاقىردى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئافغانىستاندا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتتە موللا مۇھەممەد ھەسەناخۇننىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقى تەبرىكلەندى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى شۇرا تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشقا، ئەدلىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا، قان تۆكۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكەرگە ھۆرمەت قىلىشقا، جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىكىلەرگە قۇچاق ئېچىشقا، جەمئىيەت ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشكە ۋە تىنچلىق مۇھىتى بەرپا قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا يەنە، ئىتتىپاقنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر