ياپونىيە «شىمالىي كورېيە» تېمىلىق باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە «كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەتلىشىش» يىغىنىنى، ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزىدۇ.

1705647
ياپونىيە «شىمالىي كورېيە» تېمىلىق باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ
 
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە «كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەتلىشىش» يىغىنىنى، ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزىدۇ.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەردىن نەقىل قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ساھىبخانلىق قىلىدىغان «شىمالىي كورېيە» تېمىلىق باشلىقلار يىغىنى،  يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
باشلىقلار يىغىنىغا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى باش دىرېكتورى تاكېخىرو فۇناكوشى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ شىمالىي كورېيە ئالاھىدە ۋەكىلى سۇڭ كىم ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى نوخ كيۇ دۇك قاتنىشىدۇ.
ئۈچ دۆلەتنىڭ بۇ باشلىقلار يىغىنىدا، «كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش» نى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ 73 - يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەتلەرنىڭ ئاخىرقى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
شىمالىي كورېيە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى چېگراسىنى تاقىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا يەنە، شىمالىي كورېيەنى خەلقئارا تەشكىلاتلار ئارقىلىق ۋاكسىنا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
بايدىن ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەگە قاراتقان «ئۆلچەملىك ۋە پايدىلىق دىپلوماتىيە» دەپ تەرىپلىگەن ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت ئاپرىل ئېيى (2021) نىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 6-ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرقى بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر