رۇسىيە بارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئافغانىستاندىكى مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

رۇسىيە ئافغانىستاندىكى ۋەقەلەردىن كېلىپ چىققان مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئىلمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىشقا چاقىردى.

1705648
رۇسىيە بارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئافغانىستاندىكى مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ پايتەخت موسكۋادا قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراخمان ئالسانى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سۆز قىلدى.
ئۇ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىنسانيەتكە خىلاپ ئاقىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستاندىن پاناھلانغۇچىلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەر زېمىنلىرىغا ئېقىشىنىڭ كۆپىيىشىگە نىسبەتەن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئۇ پاناھلانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياۋروپاغا ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە تەكلىپ قىلىنمىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېغىر مەسىلە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بولۇپمۇ ئافغانىستاندىكى سىياسىتىنىڭ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا سەۋەب بولغانلارنىڭ شۇنداق قىلىشى مۇھىم» دېدى.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالسانىمۇ ئافغانىستان خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدە ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئافغانىستاندا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئالسانى پايتەخت كابۇلدىكى خەلقئارا ئايرودۇرومغا ئەركىن كىرىپ - چىقىشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئايرودۇرۇم ۋەزىيىتىنى لاۋروۋ بىلەن مۇزاكىرىلەشتى.
ئالسانى: «بىز ئافغانىستان دائىرىلىرى بىلەن بىرلىكتە (ئايرودۇرۇمدىكى) تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز» دېدى


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر