ئاقساراي: ئەشرەف غېنى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ب د ت دىن سوراش كېرەك

ئاقساراي ئەشرەف غېنىغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرگە دائىر سوئاللارنى ب د ت دىن سوراش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1705539
ئاقساراي: ئەشرەف غېنى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ب د ت دىن سوراش كېرەك

ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى، تالىبانلار ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن پاناھلىق تىلىگەن سابىق پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ مىليونلارچە دوللارنى ئېلىپ قاچقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە باھا بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە دائىر سوئاللارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن سوراش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

پساكى ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەشرەف غېنىنىڭ (مىليونلارچە دوللارنى ئېلىپ قاچقانلىقى) توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە دائىر سوئالغا: «بىز بۇ ئىشقا ھېچقانداق باھا بەرمەيمىز، بۇ سوئالىڭىزنى ب د ت دىن سوراڭ» دەپ جاۋاب بەردى.

قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە يېشىل كارتىلىق چەت ئەللىكلەرنى ئېلىپ ئافغانىستاندىن يولغا چىققانلىقىغا ئىشارەت قىلغان پساكى: «بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، باشقا ئايروپىلان ئۇچۇپ بىخەتەر قونمىغۇچە ئۇچۇر ئورتاقلاشمايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر