پىرېزىدېنت بايدىن شى جىنپىڭغا ئامېرىكانىڭ قەتئىي مەيدانىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرى بىلەن مەنپەئەتلەر ئايرىلغان مەسىلىلەرنىڭ ئوچۇق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1705493
پىرېزىدېنت بايدىن شى جىنپىڭغا ئامېرىكانىڭ قەتئىي مەيدانىنى بىلدۈرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

پىرېزىدېنت بايدىن كۆرۈشۈشتە، شى جىنپىڭغا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلاشقىلى بولىدىغان ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەت بەرگەن. مەنپەئەتلەر ئايرىلىدىغان مەسىلىلەردە بولسا، ئامېرىكانىڭ مەيدانىنىڭ ناھايىتى روشەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئەركىن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قەتئىي مەيدانىنى شى جىنپىڭغا ئۇقتۇرغان ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدىكى رىقابەت قائىدەلىرىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ، ۋاشىنگتون ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى كۈنلەردە كۈچىيىۋاتقان رىقابەتنى قانداق قىلىپ يولىدا داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي تەرەپ پىرېزىدېنت بايدىن-شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رەھبەرلەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە پايدىلىق ۋە ئورتاق مەنپەئەت بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. پىرېزىدېنت بايدىن ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ۋە دۇنيادا تىنچلىق ھەمدە پاراۋانلىقنى داۋاملىق بەرپا قىىلشتا مەنپەئەتى بارلىقىنى تەكىتلىدى. رەھبەرلەر ئىككى دۆلەت رىقابەتلىرىنىڭ توقۇنۇشۇپ قالماسلىقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن تەرەپلەرگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى» دېيلدى.

شى جىنپىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن مۇقىم تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشى ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك جاسارەتنى كۆرسىتىشنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن:

 «ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىقى دۇنياغا پايدىلىق، دۈشمەنلىشىش زىيانلىق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر