شىمالىي ماكېدونىيەدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى

شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ غەربىي شىمالى رايونىغا جايلاشقان قالقاندەلەن شەھىرىدە كوۋىد-19 بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقان مەركەزدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 10 كىشى قازا قىلغان.

1705127
شىمالىي ماكېدونىيەدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ماكېدونىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى قالقاندەلەن شەھىرىدە كېچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «ھازىرغىچە ئوت ئاپىتىدە ئون كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. ئەمما بۇ سان كۆپىيىشى مۇمكىن» دېيىلدى.

ئوتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى ۋە يارىلانغانلارنىڭ پايتەخت ئۇسكۇپقا يۆتكەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

شىمالىي ماكېدونىيە باش مىنىستىرى زوران زايېف ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئۇچۇرىدا، چوڭ پاجىئە يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئوت ئاپىتىگە پارتىلاش سەۋەب بولدى. ئوت ئۆچۈرۈلدى، ئەمما نۇرغۇن ئادەملەرمۇ قازا قىلدى. ھايات قۇتقۇزۇش كۈرىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

باش مىنىستىر زوران زايېف ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر