رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە غايەت زور بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولدى

رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو بىلەن جىددىيلىك ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر مەزگىلدە «زاپاد -2021» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغان بولدى.

1704574
رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە غايەت زور بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 10- سېنتەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ قىرلىق رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مانېۋىر جەريانىدا، روسىيە ۋە بېلارۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 200 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى ۋە خادىمى بارلىق كۆپ قىرلىق رايونلاردا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. مانېۋىرغا 80 ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار، 290 تانكا، 240 زەمبىرەك، 760 ھەربىي ماشىنا، 15 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە 15 ئۇرۇش پاراخوتى قاتنىشىدۇ.

مانېۋىرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا، ئەرمېنىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، سېربىيە ۋە سىرى لانكانىڭ ھەربىي قىسىملىرىمۇ تەكلىپ قىلىندى.

مانېۋىرغا خىتاي، ۋيېتنام، بېرما، پاكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن ھەربىي كۆزەتكۈچىلەرمۇ قاتنىشىدۇ.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو ئۆز دۆلەتلىرىدىكى مانېۋىرنى نەق مەيداندا كۆرىدۇ.

فېۋرالدا تەييارلىقى باشلانغان مانېۋىر، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە ئەسكەرلىرى شۇنداقلا قوماندانلىق ئورگانلىرىنىڭ رۇسىيە-بېلارۇسىيە بىرلەشمە دۆلىتىنىڭ ھەربىي بىخەتەرلىكىگە، ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا نەق مەيدان مەشىقىگە ئورتاق كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر