ياپونىيە جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەت مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

1703703
ياپونىيە جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان ۋە 12-سېنتەبىر (2021) دىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىش قارار قىلىنغان.

قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، باش ۋەزىر سۇگا يوشىھىدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە سەھىيە ۋەزىرى تامۇرا نورىھىسا ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىگە مەسئۇل ئىچكى كابېنت ئەزاسى نىشىمۇرا ياسۇتوشى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. باش ۋەزىر سۇگا يوشىھىدە جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارنى، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى مەسلىھەت ھەيئىتىنىڭ تەۋسىيەسىدىن كېيىن جاكارلايدىكەن.

ياپونىيەدە جىددىي ھالەت توكيو ۋە ئوساكا قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئىشتاتتا ئىجرا قىلىنماقتا.

ياپونىيە تاراتقۇلىرى 23-ئىيۇلدىن 8-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلگەن توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن 24-ئاۋغۇستتىن 5-سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان مېيىپلار ئولىمپىك يىغىنىنىڭ، توكيودىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە، ياپونىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن 15 مىڭدىن ئارتۇق تەنتەربىيە ماھىرىنىڭ پايتەختتە بىر يەرگە جەم بولغانلىقى، بۇنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ نىسبىتىنى ئۆرلەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر