ئەھمەت مەسۇد تالىبانغا قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

ئافغانىستاننىڭ پەنجشىر ۋىلايىتىدە تالىبان كۈچلىرى تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان تاجىك رەھبەر ئەھمەت مەسۇد قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1703745
ئەھمەت مەسۇد تالىبانغا قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان پەنجشىر ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئالقىنىغا ئالغاندىن كېيىن، بىر قىسىم جەڭچىلىرى بىلەن رايوندىن ئايرىلغان ئافغانىستان مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتىنىڭ رەھبىرى ئەھمەت مەسۇد فەيسبۇكتا بايانات ئېلان قىلدى.

ئەھمەت مەسۇد تۈنۈگۈن (2021-يىلى 6-سېنتەبىر) پايتەخت كابۇلدىكى ئافغانىستان ئۆلىمالار كېڭىشىنىڭ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقىنى تولۇق قوللىغانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ تالىباننىڭ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەھمەت مەسۇد ئۆزىگە تەۋە جەڭچىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تالىباننىڭ سىياسىي قانۇنلۇققا ۋە ھوقۇققا ئېرىشىشىدە رولى بار دەپ ئەيىبلىدى.

تالىبان 15-ئاۋغۇست پايتەختنى ئالقىنىغا ئالغاندىن كېيىن، پەنجشىر ۋىلايىتىدىكى قىسىملارنىڭمۇ تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن ئەھمەت مەسۇد رەھبەرلىكىدىكى گۇرۇپپا بىلەن سۆھبەتنى باشلىغان، لېكىن ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر