قاتاردىن يېمەكلىك ۋە دورا قاچىلانغان ئۈچىنچى ئايروپىلان كابۇلغا يېتىپ كەلدى

قاتاردىن يېمەكلىك ۋە دورا قاچىلانغان ئۈچىنچى ئايروپىلان ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودورۇمىغا قوندى.

1703758
قاتاردىن يېمەكلىك ۋە دورا قاچىلانغان ئۈچىنچى ئايروپىلان كابۇلغا يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «QNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قاتاردىن 25 توننا يېمەكلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە داۋالاش ئەشيالىرىنى ئېلىپ ئۇچقان ئايروپىلان ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودورۇمىغا قونغان.

خەۋەردە قاتارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئافغانىستانغا قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ 68 توننىغا يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودورۇمى 31-ئاۋغۇستتا ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەرلىرىنى دۆلەتتىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن ئىدى.

سىنتەبىردە قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە بىر ئايروپىلان ئايرودورۇمنىڭ قايتىدىن پائالىيەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن تەكشۈرۈشلەردە بولىدىغان تېخنىكا گۇرۇپپىسىنى ئېلىپ كابۇلغا يېتىپ بارغان ئىدى. ئاندىن 4-ۋە 6-سېنتەبىردە، قاتاردىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە داۋالاش ئەشيالىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئىككى ئايروپىلانمۇ كابۇلغا قونغان ئىدى.

تالىبان ئافغانىستاننى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ھامىد كارزاي خەلقئارا ئايرودورۇمىنىڭ قايتىدىن پائالىيەتكە ئۆتىشى ئۈچۈن تۈركىيە ۋە قاتار بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

ئامېرىكا ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت كابۇل ئايرودورۇمىنىڭ بالدۇرراق  پائالىيەتكە ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر