پاكىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 4 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1702371
پاكىستاندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن كاراچى شەھىرىنىڭ بەزى نۇقتىلىرىدا توك ئۈزۈلۈپ قالدى، قاتناش پالاچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.

پاكىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قارا يامغۇرنىڭ بۈگۈنمۇ يېغىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلۇپ، خەلقتىن ھۇشيار بولۇشلىرى تەلەپ قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئاسىيادا  6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇسون يامغۇرلىرى، ھەر يىلى كەڭ دائىرىلىك تەبىئىي ئاپەت ۋە ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر