گېرمانىيەدە كوۋىد -19 تەدبىرلىرىگە قارشى رۇخسەتسىز نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەدە ساقچىلار كوۋىد -19 تەدبىرلىرىگە قارشى رۇخسەتسىز نامايىش قىلماقچى بولغانلارغا قىزىلمۇچ گازى بىلەن مۇداخىلە قىلىپ، 80 نامايىشچىنى قولغا ئالدى.

1699187
گېرمانىيەدە كوۋىد -19 تەدبىرلىرىگە قارشى رۇخسەتسىز نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بېرلىندا چەكلەنگەنلىكىگە قارىماستىن كوۋىد -19 يۇقۇمى تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىش قىلماقچى بولغان نەچچە يۈزلىگەن كىشى فېدېراتىپ پارلامېنتى جايلاشقان رايونغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىمۇچ گازى بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بەردى.

سۈركۈلۈش جەريانىدا، 80 نامايىشچى قولغا ئېلىندى ۋە 4 ساقچى يېنىك يارىلاندى.

بېرلىن ئۆلكىلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرىكى نامايىشلاردا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئسەۋەبىدىن يېڭى نامايىشلارنى چەكلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر