فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىراقتا

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون «باغداد ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك كونفېرانسى» غا قاتنىشىش ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا يېتىپ باردى.

1698796
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىراقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېھمان پىرېزىدېنت ماكروننى قارشى ئالغان ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراق بىلەن فىرانسىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، فىرانسىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ياردەملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتەلمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، ھەمدە ماكروننى «ئىراقنىڭ مۇھىم دوستى» دەپ ئاتىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقلىقلارنىڭ قەھرىمانلارچە كۈرىشى نەتىجىسىدە مەغلۇب بولغانلىقىنى، ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى، ئىراق بىلەن تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان ماكرون، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىپ قالغان ئىراقلىقلارنىڭ يۇرت – ماكانلىرىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «باغداد ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك كونفېرانسى» غا، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇدىن سىرت يەنە، ئىيوردانىيە، ئىران، مىسىر، كۇۋەيت، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىنمۇ رەھبەرلەر ئىشتىراك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر