گېرمانىيە ئافغانىستاندىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كامپ كاغىنباۋا (Annegret Kramp-Karrenbauer) گېرمانىيە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

1698316
گېرمانىيە ئافغانىستاندىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېگرېت كامپ كاغىنباۋا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاخىرقى ھەربىي ئايروپىلان ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 26-ئاۋغۇست) كەچ سائەتلەردە ئۆزبېكستان پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ گېرمانىيەنىڭ 5 مىڭ 347 كىشىنى ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى، تۈنۈگۈن كابۇلدىكى ھامىد كارزايى ئايرودۇرۇمىدا پارتلاش يۈز بەرگەندە، ئەڭ ئاخىرقى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئايروپىلاننىڭ گېرمانىيە قوماندانىنىڭ «دەرھال ئۇچۇش» بۇيرۇقى بىلەن كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «تۈنۈگۈنكى ھۇجۇم كابۇلدىكى تارقاقلاشتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. ئافغانىستاندىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيەت ۋە تالىباننىڭ 31-ئاۋغۇستتىن كېيىنكى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە رۇخسەت قىلماسلىقى، بۇنىڭ ئىمكانىيىتىنى تېخىمۇ يوق قىلدى» دېدى.

ئۇ كابۇلدىكى بارلىق گېرمانىيە ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىككە مەسئۇل فېدېراتسىيە ساقچىلىرى، تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كابۇلدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر