بايدىن ئىنتىقام ئالىمىز دەپ قەسەم قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كابۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە توختالغاندا، ھۇجۇمنى پەيدا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەم قىلدى.

1698537
بايدىن ئىنتىقام ئالىمىز دەپ قەسەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كابۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە توختالغاندا، ھۇجۇمنى پەيدا قىلغۇچىلاردىن ھېساب ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەم قىلدى.

ئۇ: «ھۇجۇمنى <دائېش-خۇراسان> دەپ بىلىنىدىغان گۇرۇپپا پەيدا قىلدى» دېدى.

ئۇ يېقىنقى كۈنلەردە دائېش-خۇراساننىڭ كابۇلدىكى ئايرودۇرۇمغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سەۋەبتىن ئافغانىستاندىن چېكىنىشنى 31-ئاۋغۇستقىچە ئاخىرلاشتۇرۇشتا قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئىدى.

ب ب س تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 90 غا چىققانلىقىنى، ئەڭ ئاز دېگەندە 150 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى بىل ئۇربان (Bill Urban) ھۇجۇمدا قېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 13 كە، يارىلانغانلارنىڭ بولسا 18 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان تالىباننىڭ بىر مەسئۇلى، پارتلاشتا 28 تالىبان ئەزاسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر