ئالجىرىيە ماراكەش بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامتان لامامرا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ماراكەشنىڭ «دۈشمەنلەرچە ھەرىكىتى» سەۋەبىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1696943
ئالجىرىيە ماراكەش بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامتان لامامرا: «تارىخ ماراكەشنىڭ ئالجىرىيەگە قاراتقان ناچار ۋە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

غەربىي سەھرايى كەبىر مەسىلىسى ماراكەش بىلەن ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئۇزۇندىن بۇيان جىددىيچىلىك پەيدا قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ماراكەش ئالجىرىيەنى غەربىي سەھرايى كەبىر رايونىدىكى بۆلگۈنچى پولىسارىئو فرونتىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئالجىرىيەنىڭمۇ قوشنىشى بولغان ماراكەشنىڭ غەربىي سەھرايى كەبىردىكى تاشلىغان قەدەملىرىنى قوللىمايدىغانلىقى مەلۇم.

ماراكەش شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا ئالجىرىيەلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ماراكەش ھۆكۈمىتى 1994-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئالجىرىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا تەلەپ قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

ماراكەشنىڭ بۇ قەدىمىگە قارىتا، ئالجىرىيە 1994-يىلى 9-ئايدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر