مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە كابۇلدىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى تاماملايدۇ

گېرمانىيەنىڭ پايتەخت كابۇلدىكى پۇقرالىرى ۋە يەرلىك خىزمەتچىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1697148
مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە كابۇلدىكى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى تاماملايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

خەۋەرلەردە، ئامېرىكانىڭ 31-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ھەربىي قىسىم ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن پەيدا بولىدىغان بىخەتەرلىك خەۋىپى گېرمانىيەنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىكى سەۋەب سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ چىققان خەۋەرلەرنى رەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرى دائىرىسىدىكى ئافغانىستانلىق يەرلىك خادىملارغا ياردەم قىلىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماركۇس گروتىيان تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى «ئافغانىستاندىكى يەرلىك خادىملارنى قەستەن تاشلاپ قويدى ۋە ياردەم قىلمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن  ھەمدە:  «ھۆكۈمەتتىكى پارتىيەلەر ۋە سىياسىئونلارنىڭ يەرلىك ئافغان خىزمەتچىلەرگە دائىر ئاگاھلاندۇرۇشلارنى كۆرمەسكە سالغانلىقلىرىغا، بەلگە ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىغا پەرۋا قىلماي، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇشلىرىغا ھەيران قالدۇق» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر