نىيۇ يوركتا مەكتەپ خادىملىرىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىنىشى مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلدى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا خادىملارنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىناسى ئەملىتىشى مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرۈلدى.

1696221
نىيۇ يوركتا مەكتەپ خادىملىرىنىڭ ۋاكسىنا ئەملىنىشى مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى، Pfizer / BioNTech شىركىتىنىڭ كوۋىد- 19 ۋاكسىناسىنى تولۇق ئىشلىتىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى بىل دې بىلاسيو دۆلەت  مەكتەپلىرىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 27-سېنتەبىرگىچە بىرىنچى شىشە ۋاكسىناسىنى ئەملىتىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن مەكتەپ خادىملىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇش بىلەنمۇ ۋاكسىنادىن قۇتالالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن مەكتەپ خادىملىرىغا بېرىلىدىغان  جازا ھەققىدىمۇ ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىدى.

شەھەردە ئىلگىرى مەكتەپ خادىملىرى باشقا شەھەرخادىملىرىغا ئوخشاش ۋاكسىنا ئەملىتىش ياكى قەرەللىك تەكشۈرۈتۇپ تۇرۇش مەجبۇرىتيىتى بار ئىدى.

نىيۇ يورك شەھىرىدە 1 مىليونغا يېقىن ئوقۇغۇچى 13-سېنتەبىر مەكتەپ باشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر