بورېل:  ئافغانىستاندىن يەنە 260 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىدىن تەشكىل تاپقان يەنە 260 كىشىنىڭ ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1696543
بورېل:  ئافغانىستاندىن يەنە 260 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بورېل، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەترىتى ۋە كابۇلدىكى ھەمراھلارنىڭ كىشىلەرنى بىخەتەر جايغا يەتكۈزۈشتىكى  ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى خىزمەتلىرىدىن مىننەتدارمىز، يەرلىك خادىملىرىمىز ۋە ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىدىن تەشكىل تاپقان يەنە 260 كىشى ياۋروپاغا يېتىپ كەلدى، ياكى يولغا چىقتى، ئىنسانلارنى بىخەتەر قىلىدىغان پائالىيەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»

پايتەخت كابۇلنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان تالىبان، 15 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى ۋە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ پايتەختتىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىز ھالدا كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر