رۇسىيەدە بىر نەپەر ئۇكرائىنا پۇقراسى «جاسۇسلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

رۇسىيەدە بىر نەپەر ئۇكرائىنا پۇقراسى «رۇسىيە قوراللىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش » بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

1695958
رۇسىيەدە بىر نەپەر ئۇكرائىنا پۇقراسى «جاسۇسلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بىر نەپەر ئۇكرائىنا پۇقراسى رۇسىيەنىڭ تۇلا شەھىرىدە زامانىۋى قورال مودېللىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەۋاتقان نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئۇكرائىنا پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر باياناتتا، «بۇ كىشى ئۇكرائىنا ئىستىخباراتىنىڭ يوليورۇقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مەخپىي مۇداپىئە شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان. رۇسىيەلىكلەرنى ئىشلىتىپ قورال – ياراق توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان» دېيىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنا پۇقراسىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر