تۈنۈگۈن 379 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئافغانىستاندىن قايتۇرۇپ كېلىندى

ئافغانىستاندا تالىبان كابۇلنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغاندىن كېيىن، تۈركىيەگە قايتىشنى ئىلتىماس قىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىدىن 379 كىشى كېچىدە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە تىرانسىپورت ئايروپىلانى بىلەن قايتۇرۇپ كېلىندى.

1695162
تۈنۈگۈن 379 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى ئافغانىستاندىن قايتۇرۇپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

كابۇل ھامىد كارزايى خەلقئارا ئايرودورۇمىدىكى بىخەتەر رايوندا ساقلاۋاتقان 379 نەپەر تۈركىيە پۇقراسى «ئۇچار قەلئە» دەپمۇ ئاتىلىدىغان A400 M تىپلىق 2 ترانسىپورت ئايروپىلانى بىلەن تۈركىيەگە ئەۋەتىلدى.

ئالدىنقى ھەپتە پايتەخت كابۇلنى قورشاۋغا ئالغان تالىبان پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پايتەختتىن ئايرىلغاندىن كېيىن توقۇنۇشمايلا شەھەرنى كونتروللۇقىغا ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر