يەمەندە بۇ يىل 3 مىليون بالا مەكتەپكە بارالمايدۇ

يەمەندە بۇ يىل تەخمىنەن 3 مىليون بالىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن مەكتەپكە بارالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1694922
يەمەندە بۇ يىل 3 مىليون بالا مەكتەپكە بارالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى (ICRC)  يەمەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كاتارىنا رىتز، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە،  يېڭى ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۈزلەرچە مەكتەپنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ياكى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ يىل تەخمىنەن 3 مىليون بالىنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە يەمەنلىك بالىلارنىڭمۇ پۈتكۈل دۇنيادىكى بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

يەمەندە يېڭى ئوقۇ – ئوقۇتۇش يىلى تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىلگىرى باشلانغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF)، 8 – ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەندىكى 8 مىليون 100 مىڭ بالىنىڭ جىددىي مائارىپ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر