نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 12 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى
نىگېرىيەنىڭ زامفارا ئۆلكىسىدە قوراللىق شايكىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 12 كىشى ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1694934
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زامفارا ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد شېھۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 16 – ئاۋغۇست كۈنى ئۆلكىنىڭ باكۇرا رايونىدىكى زىرائەت ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىن قاچۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، 12 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە خەلقنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.