كابۇلدىن ئايرىلىشنى خالايدىغان ئافغانىستانلىقلار ئۈمىد چىرىغىنىڭ يېنىشىنى كۈتمەكتە

تالىبانلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئافغانىستاندا دۆلەتتىن ئارىلىشنى خالايدىغان ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ كابۇلدىكى ھامىد كارزائى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا ئۈمىد چىرىغىنىڭ يېنىشىنى كۈتۈشى داۋاملاشماقتا.

1694920
كابۇلدىن ئايرىلىشنى خالايدىغان ئافغانىستانلىقلار ئۈمىد چىرىغىنىڭ يېنىشىنى كۈتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلارچە كىشى، ئۇدا 5 كۈندىن بۇيان دۆلەتتىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا ئېلىنىشنى كۈتمەكتە.

پاسپورتى ۋە بېلىتى بارلارلا تاللىنىپ بىر – بىرلەپ كىرەلەيدىغان دەرۋازىلاردىن كىرىپ «ئۈمىد سەپىرى» گە ئاتلىنىشنى نىشان قىلىۋاتقان ئافغانلار، سىم توسۇقلار ۋە سېپىللارنىڭ ئارقىسىدا ساقلىتىلماقتا.

ئايرودۇرۇم ۋە ئەتراپىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل چەت ئەل ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى دەرۋازىلارنىڭ ئالدىدىكى ناچار شارائىتنىڭ تەسىرىگە بولۇپمۇ بوۋاقلار ۋە بالىلار ئۇچرىماقتا.

يەكشەنبە كۈنى، پايتەخت كابۇلنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان تالىبان، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى ۋە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ پايتەختتىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىز ھالدا كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر