خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى فۇكۇشىمادا يۇندىنىڭ قويۇپ بېرىلىش باسقۇچىنى كۆزىتىدۇ

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى (IAEA) ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما دەيچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى رادىئوئاكتىپلىق بىر تەرەپ قىلىنغان يۇندىنىڭ قويۇپ بېرىلىش باسقۇچىنى كۆزىتىدۇ.

1694396
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى فۇكۇشىمادا يۇندىنىڭ قويۇپ بېرىلىش باسقۇچىنى كۆزىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئورگىنى NHK نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە سودا - ئىقتىساد ۋە سانائەت ئىشلىرى مىنىستىرى كاجىياما خىروشى، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋيېنادا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش دېرىكتورى رافائېل گروسسى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا،  كاجىياما بىلەن گروسسى، فۇكۇشىما دەيچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ رادىئوئاكتىپلىق بىر تەرەپ قىلىنغان يۇندى سۈيىنىڭ قويۇپ بېرىلىش باسقۇچىنىڭ كۆزىتىلىشى مەسىلىسىدە  بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى، فۇكۇشىما دەيچى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىكى بىر تەرەپ قىلىنغان پاسكىنا سۇنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش باسقۇچىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەم تەلىپىنى قوبۇل قىلغان.

كاجىياما، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاسكىنا سۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى يوقققا چىقىرىشنىڭ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر