بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

بۇركىنا فاسونىڭ ساھېل رايونىدا چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانى 80 گە يەتتى.

1694403
بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇم ناھىيەسىنىڭ گورگادجى رايونىدا، پۇقرالار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا 15 ئەسكەر بىلەن 65 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھۇجۇمدىن كېيىن، 80 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

پىرېزىدېنت روچ مارك كىرىستىيان كابورې، ھۇجۇمدىن كېيىن 72 سائەتلىك دۆلەتلىك ماتەم ئېلان قىلغان.

دەسلەپتە،  تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 30 پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

قوشنا دۆلەت مالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەلقەئىدە ۋە دائېشقا چېتىشلىق تېررورچى گۇرۇپپىلار، 2015 – يىلدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي قىسمىغا پات – پات ھۇجۇم قىلىدىكەن.

بۇركىنا فاسو ساھېلدىكى باشقا قوشنىسى نىگېر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، مالىدا تۇرۇشلۇق تېررورچى گۇرۇپپىلارغا تاقابىل تۇرالمايۋاتماقتا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بۇيان 17 مىڭ 500 كىشى، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن دۆلەتنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر