سومالى ئارمىيەسى ئەششەبابقا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

سومالى ئارمىيەسى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تەشىلاتنىڭ 25 ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1693990
سومالى ئارمىيەسى ئەششەبابقا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان گالمۇدۇگ ئۆلكىسىدە ئەششەباب تەشكىلاتنىڭ 25 ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى، زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن بەش كىشىنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، دۆلەتنىڭ گالمۇدۇگ ئۆلكىسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئەششەبابقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر قىسىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلارنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر