ياپونىيە كابۇلدىكى دىپلوماتلىرىنى تارقاقلاشتۇردى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلوماتلىرىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1693060
ياپونىيە كابۇلدىكى دىپلوماتلىرىنى تارقاقلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان 12 دىپلوماتنىڭ «بىر دوست دۆلەتنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى» بىلەن دۇبەيگە بىخەتەر يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ياپونىيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنىدىغان ۋاقىتلىق ئىشخانىسىدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كيودو ئاگېنتلىقى، ياپونىيەنىڭ 2001-يىلىدىن بۇيان ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن 6 مىليارد 800 مىليون دوللار سەرپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2021-يىلى 15-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى پايتەخت كابۇلنى قورشىۋالغان تالىبانلار، پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىنىڭ قېچىشى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پايتەختتىن چىقىپ كېتىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىزلا تولۇق قولغا كىرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر