ب د ت ئافغانىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 24-ئاۋغۇست مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئافغانىستاندىكى «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىسى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت»نى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

1693104
ب د ت ئافغانىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 47 ئەزاسى بولغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئەزا ۋە كۈزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ياكى بىۋاسىتە قاتنىشالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامىدىن پاكىستان بىلەن ئافغانىستان بىرلىكتە سۇنغان «مەخسۇس يىغىن چاقىرىش» تەلىپىنى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 89 دۆلەت قوللىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەخسۇس يىغىن چاقىرىشى ئۈچۈن، كېڭەشكە ئەزا كەم دېگەندە 16 دۆلەتنىڭ ئورتاق تەكلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كېڭەشنىڭ قارارى تەۋسىيە خاراكتېرلىك بولۇپ، قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر