ب د ت باش كاتىپى قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدرۇرراھمان ئالسانى بىلەن ئافغانىستان ھەيئەتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا دوھادا داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ھەققىدە تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1693282
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇتېرېش، قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدرۇرراھمان ئالسانى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، قاتارنىڭ تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتقان، ھەمدە بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ تىنچلىق ئاساسىدا تاماملىنىشىغا ۋەسىلە بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.
2021 – يىلى، 15 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى، پايتەخت كابۇلنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان تالىبان، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى ۋە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ پايتەختتىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىز ھالدا كونترول ئاستىغا ئالغانىدى.