ئامېرىكا: كابۇل ئايرودۇرۇمىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، كابۇل ئايرودۇرۇمىدا ئامانلىقنى ساقلاش مەقسىتىدە تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق ھەمراھلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1692245
ئامېرىكا: كابۇل ئايرودۇرۇمىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىربى، كابۇل ئايرودۇرۇمى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە باشقا پۇقرالىرىنى ئېلىپ چىقىش كېتىش باسقۇچى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، كابۇلدىكى ھامىد كارزائى ئايرودۇرۇمىغا يۈزلەرچە كىشىنىڭ كىرىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان قالايمىقانچىقتىن كېيىن، «ئايرودۇرۇم ۋە ئەتراپىنى تازىلاش ۋە ئامانلىقنى ساقلاش ئۈچۈن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق ھەمراھلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرى» نى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا، 2020 – يىلى فېۋرالدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە، خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش باسقۇچى باشلانغانىدى.

كېلىشىم، چەت ئەل كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىقنى مەزمۇن قىلىدىغان بولۇپ، تالىبان، بىر تەرەپتىن، قاتاردا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 6-ئايدىن بۇيان شىددەتلىك ھۇجۇملار نەتىجىسىدە ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن ۋىلايەتنىڭ مەركىزىنى تېزلىكتە قولغا چۈشۈردى.

ئالدىنقى كۈنى پايتەخت كابۇلنى قورشىۋالغان تالىبان، پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشى ۋە ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ پايتەختنى تەرك ئېتىشىدىن كېيىن، بۇ يەرنىمۇ  پۈتۈلەي كونترول ئاستىغا ئالدى.

شۇنىڭ بىلەن، يۈزلەرچە ئافغانىستانلىق، چەت ئەللەرنىڭ پۇقرالىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن قوزغالغان ئايروپىلانلارغا چىقىش ئۈچۈن ئايرودۇرۇمغا سەلدەك ئاقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر