رۇسىيەدە ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
رۇسىيەدە «Il-112V» تىپلىق ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا موسكۋا رايونىدا چۈشۈپ كەتتى.
1692740
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇسىيە بىرلەشمە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى (OAK) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەدە «Il-112V » تىپلىق ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى، مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا موسكۋا رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، قازادا 3 ئايروپىلان خادىمى ئۆلگەن.