رۇسىيە ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستان مىقياسىدا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1692306
رۇسىيە ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈشىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن: «قولىمىزدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، پايتەخت كابۇل ۋە ئافغانىستان مىقياسىدا ۋەزىيەت مۇقىملاشماقتا. تالىبان جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلىدى ۋە يەرلىك خەلق بىلەن چەت ئەل دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئافغانىستاندىكى بارلىق تەرەپلەرنى زوراۋانلىقتىن ساقلىنىپ، ۋەزىيەتنى تىنچلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ياردەمچى بولۇشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئافغانىستاندىكى يېڭى ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر