مالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
مالىنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 3 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.
1692495
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېنېكا ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا يولغا كۆمۈپ قويۇلغان پارتلاتقۇچ، ئەسكەرلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىتىلغان، پارتلاشتا 3 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 2 ئەسكەر يارىلانغان.