ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى تاجىكىستاندا ئەمەس

تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنىنىڭ تاجىكىستاندا ئىكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

1691729
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى تاجىكىستاندا ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئەشرەف غەنىنىڭ ئايروپىلانىنىڭ تاجىكىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرمىگەنلىكى ۋە تاجىكىستان زېمىنىغىمۇ قونمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، تاجىكىستان تەرەپكە بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەلەپنىڭمۇ كەلمىگەنلىكى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستاننىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەمەلدارىمۇ ئەشرەف غەنىنىڭ ئۆزبېكىستاندا بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بەزى تاراتقۇلاردا، تالىبان ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا كىرگەندىن كېيىن ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئەشرەف غەنىنىڭ تاجىكىستانغا كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر