دونالد ترامپ جو بايدىننى ئافغانىستاندىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن ئىستىپاغا چاقىردى

تالىبان ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنى ئالقىنىغا كىرگۈزۋالغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پىرېزىدېنت جو بايدىننى ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى.

1691958
دونالد ترامپ جو بايدىننى ئافغانىستاندىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن ئىستىپاغا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ يازما باياناتىدا، «جوۋ بايدىننىڭ ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئىشلارغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن نومۇستىن ئىستىپا بېرىدىغان پەيتى كەلدى» دېدى.

دونالد ترامپ بايدىنغا قاراتقان ئىستىپا چاقىرىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ چوڭ ئىش بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئەسلىدىلا قانۇنلۇق سايلانمىغان» دېدى ھەمدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنى دۆلەتتىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆپىيىشى، ئىچكى كۆچۈش، ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىستىپا چاقىرىقىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «جو بايدىننىڭ ئافغانىستاندا ياراتقان ھېكايىسى، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتلەردىن بىرسى سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلىدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر