ب د ت تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تۈركىيەدىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى ۋە كەلكۈنلەردە كىشىلەرنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنىى بىلدۈردى.

1691592
ب د ت تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك بايانات ئېلان قىلىپ: «باش كاتىپ يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپەتلىرىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغان كىشىلەر ۋە زىيانغا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى» دېدى.

باياناتتا، تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە گۇتېررېسنىڭ تەزىيەسى يەتكۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، ب د ت نىڭ مۇشۇنداق قىيىن پەيتتە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر