تالىبان يەنە ئىككى ۋىلايەت مەركىزىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى

ئافغانىستاندىكى نانگارخار ۋە دايكۇندى ۋىلايەتلىرىنىڭ مەركىزى بولغان جالالئاباد بىلەن نىلى شەھىرى تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى.

1691343
تالىبان يەنە ئىككى ۋىلايەت مەركىزىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارخار ۋىلايەتلىك كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىلۇفەر ئەزىز ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدا، تالىباننىڭ نانگارخارنىڭ مەركىزى جالالئاباد شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

نىلۇفەر ئەزىز شەھەرنىڭ ھېچقانداق توقۇنۇشسىز تالىبانغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بەزى مەسئۇللارنىڭ پايتەخت كابۇلغا قېچىپ كەلگەنلىكىىنى بىلدۈردى.

دەيكۇندى ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت ئەلى جەۋاھىرى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەندە نىلىنىڭ مەركىزى شەھىرى نىكۇندىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى،

ھۇجۇم نەتىجىسىدە شەھەرنىڭ ئەتىگەندە تالىبانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن غەيرەت ئەلى جەۋاھىرى، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈنۈگۈن كەچتىمۇ ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فارىياب ۋە بەلخ ۋىلايەتلىرىنىڭ مەركىزى مەيمەنە ۋە مازار شەرىف شەھەرلىرى تالىباننىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش قارارى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان بىلەن ئۆتكۈزگەن تىنچلىق سۆھبىتىدىن كېيىن، تالىباننىڭ ھۇجۇمى تېزلەشكەن ئىدى.

كۆپىنچىسى شىمال ۋە جەنۇبتا بولۇپ، جەمئىي 25 ۋىلايەت مەركىزىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرى شەھەرنىڭ كونتىروللۇقىنى تالىبانغا تارتقۇزۇپ قويغان بولۇپ،  كابۇل ھۆكۈمىتى ھازىزمۇ 9 ۋىلايەت مەركىزىنىڭ كونتىروللۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر