ب د ت ئافغانىستاندا ئەھۋالنىڭ كونترولدىن چىققانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش ئافغانىستاندا ئەھۋالنىڭ كونترولدىن چىققانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1690983
ب د ت ئافغانىستاندا ئەھۋالنىڭ كونترولدىن چىققانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئافغانىستاننىڭ قايتىدىن قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، ھەمدە تالىباننى ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇزاكىرىلەرگە قايتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «پەقەت يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە بولۇپمۇ ھېلماند، قەندىھار ۋە ھېرات ۋىلايەتلىرىدە مىڭدىن ئارتۇق كىشى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرلەرگىچە كېڭەيگەن توقۇنۇشلار پۇقرالارغا ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزدى، قىسقىسى، ئافغانىستان كونترولدىن چىقىپ كەتتى، تالىباننى ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى نىيەت بىلەن مۇزاكىرىلەرگە قايتىشقا چاقىرىمەن.»

پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا ئىنسانىي قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گۇتېرېش، تالىباننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا بولۇپمۇ ئاياللار ۋە ژۇرنالىستلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشىنىڭ، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇققا قارىتا جىددىي چاكلىمىلەرنى قويۇشىنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئەندىشىلىك ئەھۋال» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ ئافغان قىزلار ۋە ئاياللارنىڭ مىڭ تەسلىكتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى كۆرۈش كىشىنى چۆچۈتىدۇ ۋە تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىشتۇر.»

باش كاتىپ گۇتېرېش،  ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنىڭ زىيانلىق ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئافغانىستاننى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشقا ئىتتىرىدىغانلىقى ۋە پۈتۈنلەي يېتىم قالدۇرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر