رۇسىيەدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيەدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1690726
رۇسىيەدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ۋورونېج شەھىرىدە 30 دىن ئارتۇق يولۇچى ئولتۇرغان ئاپتوبۇستا، يولۇچىلار چىقىۋاتقان پەيتتە پارتلاش يۈز بەردى.

بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 16 كىشى يارىلانغان ۋە يېقىلغۇ تانكېرى سەۋەب بولغان دەپ قارىلىۋاتقان پارتلاشتىن كېيىن، شەھەر ۋالىيسى، بارلىق گاز ۋە دىزېل قاچىلىنىدىغان ئاپتوبۇسلارنى تەكشۈرۈش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر