«ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىدە تېخىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى»

ئافغانىستان مىللىي يارىشىش ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىدە تېخىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەشنىڭ ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1689862
«ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىدە تېخىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھ، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا چەت ئەللەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ۋە ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئافغانىستانغا قارىتا يوشۇرۇن تەھدىتلەرنىڭ بارلىقىنى، نۆۋەتتىكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن،  ھەر ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشلاردىن ۋاز كېچىپ، سىياسىي جەھەتتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تالىباننىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن، يېقىنقى ئايلاردا ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەشنىڭ ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى ئېيتقان ئابدۇللاھ، تالىباننىڭ يارىشىش ئۈچۈن سىياسىي ئىرادىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ھەمدە تىنچلىق مەسىلىسىگە جىددىي قارىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تالىبان ئافغانىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشمەكچى بولسا، چوڭ شەھەرلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى كېرەك.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئابدۇللاھ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى بىلەن ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش قارارىدىن كېيىن، ھۇجۇملىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان تالىبان، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن تۇتىشىدىغان شىمالىي ۋىلايەتلىرىنىڭ مەركەزلىرىنى بىر-بىرلەپ قولغا كىرگۈزمەكتە.

تالىبان، يېقىنقى 7 كۈن ئىچىدە 9 ۋىلايەت مەركىزىنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى كۈچلىرىدىن تارتىۋالدى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، 34 ۋىلايەت مەركىزىدىن 25 ىنى كونتىرول قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر