سەيفۇلئىسلام قەززافى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

لىۋىيە ھەربىي  باش تەپتىش مەھكىمىسى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر مۇئەممەر قەززافىنىڭ ئوغلى سەيفۇلئىسلام قەززافى ئۈستىدىن «جىنايەت» ۋە «ياللانما ئەسكەر ئىشلتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

1689948
سەيفۇلئىسلام قەززافى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ھەربىي باش تەپتىش مەھكىمىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن 5 – ئاۋغۇست كۈنى ساقچى ئىدارىلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلارغا  چۈشۈرۈلگەن يوليورۇقتا، سەيفۇلئىسلام قەززافىنىڭ، «جىنايەتلەرگە ئارىلىشىش ۋە ياللانما ئەسكەر ئىشلىتىش» جىنايىتى سەۋەبلىك تۇتۇلۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

يوليورۇقتا، «ھەربىي ئورگانلار ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ، ھوقۇقلىرى دائىرىسىدىكى رايونلاردا سەيفۇلئىسلام قەززافىنى ئاختۇرۇپ تېپىشى ئۈچۈن بۇ يوليورۇقنى ئىجرا قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.

بۇ يوليورۇقنىڭ، «ترابلۇس شەھىرىگە قارىتىلغان ئاتالمىش شەرەپ ھەرىكىتى ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا رۇس ياللانما ئەسكەرلەر (ۋاگنېر گۇرۇپپىسى) تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش دېلوسىغا ئاساسلىنىدىغانلىقى» قەيت قىلىنغان.

سەيفۇلئىسلام قەززافى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىنمۇ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىزدەلمەكتە. ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى فاتۇ بېنسۇدا، 17-ماي كۈنى: « سەيفۇلئىسلام قەززافى يا ئۆزى تەسلىم بولىدۇ، ياكى لىۋىيە دائىرىلىرى ئۇنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر