كولومبىيە ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ مىڭلارچە بالىنى ھەربىيلىككە ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى
2016 - يىلى نويابىردا قورال تاشلىغان كولومبىيە سول قانات ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ 1996 - يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا 15 ياشتىن تۆۋەن 18 مىڭ 677 بالىنى ھەربىي مەشىقتىن ئۆتكۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاھىدە تىنچلىق قانۇنى ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇنىۋېرسىتېت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقى بايان قىلىنغان 36 خىل ئوخشىمىغان دوكلاتنىڭ تەكشۈرۈلۈشىدىن كېيىن، كولومبىيە ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ مىڭلىغان كىچىك بالىنى ئۆز سېپىگە قاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بالىلارنىڭ بۇ تەشكىلاتقا مەجبۇرىي قوبۇل قىلىنىشى، جىنسنى ئاساس قىلغان زوراۋانلىق، قاتىللىق، قىيناش، پەسكەش مۇئامىلىلەر ۋە باشقا غەيرىي ئىنسانىي قىلمىشلارنىڭ خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى تەشكىل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا، دوكلاتنىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ توقۇنۇش كەسكىن بولغان رايونلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ: «ئاراۋكا، بوياكا، كۇندىناماركا، كاسانارې، مېتا، گۇاۋىئارى، ۋىچادا، گۇانىئا ۋە ۋۇاپېس رايونلىرىدا بالىلارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قانداق قاتناشتۇرۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭ رايون خەلقىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى داۋاملىق تەپسىلىي تەكشۈرۈلىدۇ» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.
ئالاھىدە تىنچلىق قانۇنى ئورگىنى، سابىق پىرېزىدېنت خۇان مانۇئېل سانتوس ھۆكۈمىتى بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن قۇرۇلغانىدى.