دائېش كەركۈكتە توك لىنىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى توك لىنىيەلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 7 مۇنار ۋەيران بولدى.

1689339
دائېش كەركۈكتە توك لىنىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك توك تارقىتىش شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش مەنسۇپلىرىنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رىياد ناھىيەسى ئەتراپىدا توك لىنىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، ھۇجۇمدا 7 مۇنارنىڭ ۋەيران بولغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە كەركۈك شەھەر مەركىزى ۋە بىر قىسىم ناھىيەلەردە توك ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

دائېشچى تېررورچىلار تەرىپىدىن توك لىنىيەسىدىكى 7 مۇنارنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان پارتلاتقۇچلارنىڭ يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان تىزگىنەك بىلەن پارتلىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، يېقىندىن بۇيان دۆلەتنىڭ ئېلېكتر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، بولۇپمۇ ياز ئايلىرىدا ئۇزۇن توك ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىراقتا، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە مۇسۇل، كەركۈك ۋە سالاھىدىن ۋىلايەتلىرىدىكى يۇقىرى بېسىملىق لىنىيەلەر داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

باغداد ھۆكۈمىتى، دۆلەتتىكى ئېلېكتر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر