شىمالىي كورېيە ئامېرىكا - جەنۇبىي كورېيە مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يۆجۇڭ ئامېرىكا ۋە كورىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا قارشى دۆلىتىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1688822
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا - جەنۇبىي كورېيە مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە قىسىملىرىنىڭ 16-26-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان كومپيۇتېر  مۇھىتىدىكى مانېۋىرىدىن ئىلگىرىكى 4 كۈنلۈك دەسلەپكى مانېۋىرىنىڭ باشلانغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يۆجوڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مانېۋىرغا «تاجاۋۇزچىلىق مەشىقى» دەپ باھا بەردى ۋە دۆلىتىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تېز ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، جەنۇبنىڭ ئامېرىكا بىلەن مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن كىم، بۇنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلەرنى «تېخىمۇ ئېغىر بىخەتەرلىك تەھدىتى» گە  دۇچار قىلىدىغان «ئالدامچىلىق قىلمىشى»دىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، بۇ قېتىمقى مانېۋىرلارنىڭ يادرو قورالسىزلىنىش سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ «رىياكارلىقى»نى نامايان قىلغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسى جەنۇبتىن ئەسكەر ۋە قورال-ياراغلىرىنى چېكىندۈرمىسە، كورېيە يېرىم ئارىلىغا تىنچلىقنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چاۋشيەن رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يۆجۇڭ 1-ئاۋغۇست ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئۆتكۈزىدىغان يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈمىدىنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر