خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارمىيەلىرى خىتاينىڭ شىمالىدىكى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

1688798
خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردىن مەقسەت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە بىرلەشمە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىكەن.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر، رايون ۋە خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ،  يېڭى دەۋردە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقى رامكىسى ئىچىدە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىن مۇھىم ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر