ياپونىيە تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى

ياپونىيەنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىدىكى رايونلرىغا تەسىر قىلغان لۇپىت تەيفېڭ بورىنىدىن كېيىن، 235 مىڭ كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

1687715
ياپونىيە تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) دۆلەتنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە دۆلەتلىك مېدىيا ئورگىنى «NHK» ھىروشىما، شىمانە ۋە ئېھىمە ئۆلكىسىدە جەمئىي 235 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، غەربىي ياپونىيە تۆمۈر يول شىركىتى جەنۇبىي رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سانيو شىنكانسېن لىنىيەسىدىكى بەزى پويىز سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

كۈچلۈك بوراندىن كېيىن، جەنۇبتىكى ئوساكا شەھىرى بىلەن كانساي ئايرودرومىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكمۇ قاتناشتىن توختىتىلدى.

يەرلىك ساقچى مەنبەلىرى شىمانې ئۆلكىسىدە يامغۇردىن كېيىن دەريا تېشىپ كېتىپ، بىر كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) دۆلەتنىڭ كانتو، كىنكى ۋە توكاي رايونلىرىدىمۇ قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر