ئافغانىستاندا ئىككى مۇپەتتىش سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئىككى مۇپەتتىش قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1687981
ئافغانىستاندا ئىككى مۇپەتتىش سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى كابۇلنىڭ دەھ سەبز رايونىدا ئىككى مۇپەتتىشنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇپەتتىشلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر